باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە مەركەز كارخانلىرى ئىشقا ئاشۇرۇغان پايدا 426مىليارد 500مىليون يۈەنگە يەتتى

2019.04.17 08:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى مەركەز كارخانلىرىنىڭ 2019-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدىكى ئىقتىسادى ھەرىكەت ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ، ئاخبارات باياناتچىسى پېڭ خۇاگاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ يىل 1-پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىدە «ياخشى باشلىنىش» بولدى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 6 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.3 ئېشىپ، پايدىسى 426مىليارد 500مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3-ئايدا سېتىشتىن قىلغان كىرىمى ۋە ئىشقا ئاشۇرغان پايدىسى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ۋە %10.8 ئاشتى.

  پېڭ خۇاگاڭ بىر نەچچە گۇرۇپپا ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ياخشى ئېشىش سۈرئىتى ساقلاپ قېلىندى. بۇ يىل 1-پەسىلدە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 6 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.3 ئاشتى، پايدا 426 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئاشتى. ئىككىنچى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى . 1 – پەسىلدە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە سالغان مەبلىغى 384 مىليارد 20 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.8 پوئىنت ئاشتى ئۈچىنچىدىن، ماي، توك، كۆمۈر، تىرانسپورت ئۇل تەمىناتى مۇقىم ئاشتى. 1 - پەسىلدە نېفىت مەھسۇلاتى ۋە تەييار ماينىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ۋە %7.4 ، تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2، ئېلېكتىر تورىدا توكنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9،تاۋار كۆمۈرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.8ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر