باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەش يېڭى دەۋرى»- بۇ خاتىرجەم جاي مېنىڭ يۇرتۇم

2019.04.17 08:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى جېجياڭنىڭ نىڭبودىن 4000 كىلومېتىر ئۇچۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، ئارقىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ داۋاملىق غەربكە قاراپ 150 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، بۇ قېتىمقى نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىش مەنزىلى − شىخەنزە شەھىرىگە كەلدى.

  شىخەنزە شەھەرلىك پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ خاۋ خەرىتىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى : تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان شىخەنزە- يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مۇھىم پورت ئالاتاۋ ئېغىزى ۋە قورغاسنىڭ مەركىزىي رايونى، گوۋۇيۈەن شىخەنزىنى «ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى» قاتارىغا كىرگۈزدى. ۋۇ خاۋ مۇخبىرنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ كۆردى. 32 ياشقا كىرگەن ۋۇ خاۋ تۆت يىل ئىلگىرى شىخەنزىگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەرگىلى كەلگەن، كېيىن قېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان. ۋۇ خاۋ مۇنداق دېدى: شىخەنزىنىڭ مېنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى بۇ جاينىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى.

  شەھەر قۇرۇلغىنىغا 70 يىلمۇ بولمىدى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە نوپۇسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، پېيى بازارغا سېلىنغان 4 شىركەت، 14 ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ بار، يېڭىچە خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، توقۇمىچىلىق قاتارلىقلار سانائەت تۈۋرۈكى بولۇپ، كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كۆلەملەشتى.ۋۇ خاۋ مۇخبىرغا شىخەنزىنى چوڭقۇر چۈشىنىشتە چوقۇم دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى.

  دېھقانچىلىق مەيدانىدا يەتىكەن يول باشلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بىر سېيالكا ئاپتوماتىك ھەيدىلىدۇ.يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بۇ خىل شوپۇرسىز سېيالكا ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، سۇلىياۋ يوپۇق يېپىش، توپا يۆلەش، تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى ياتقۇزۇش، تۆشۈك تېشىش، تۈجۈپىلەپ تېرىش قاتارلىقىلارنى بىر نۆۋەتتىلا پۈتتۈرىدۇ.

  بۇلتۇر شىخەنزىنىڭ كېۋەز تېرىش كۆلىمى 3 مىليون 800 مىڭ موغا يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليون مو يەر يەتىكەن يول باشلاش سېستىمىسى ئارقىلىق تېرىلدى.كۈزدە يىغىۋېلىشنىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتىمۇ % 80 كە يېقىنلاشتى.نەچچە يىل بۇرۇنقى «پاختا تېرىش قوشۇنى»نى بۈگۈنكى كۈندە كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر