باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالغانلىقىغا رەددىيە بېرىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك، قىلچە ئاساسى يوق، دېدى

2019.04.16 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېيونىڭ جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا ئېلان قىلغان دوستانە بولمىغان سۆزلىرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 15-ئاپرېل، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگىنى پۇرسەت، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ خالىغانچە تۆھمەت چاپلىشىغا، قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دېدى.

  شۇ كۈنلۈك ئادەتتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا پومپېيو چىلى قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا دوستانە بولمىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلغان، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئورتاق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك ياردەم بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگىنى پۇرسەتتۇر.

  لۇ كاڭ: «ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېيو جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە خالىغانچە تۆھمەت چاپلاپ، قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى، دېگەنلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، بىز بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىمىز»، دېدى.

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسىنى ئۆزىنىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەپ قاراپ، ھە دېسىلا بېسىم ئىشلىتىپ، تەھدىت سالدى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە، كىم ھەقىقىي دوست، كىم ساختا دوست، كىم قائىدىنى كۆزگە ئىلماي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  لۇكاڭ: «شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، بىر قىسىم ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار ئوخشاش بىر مۇقامنى توۋلاپ، ھەممىلا يەردە جۇڭگوغا تۆھمەت قىلىپ زىيانكەشلىك قىلدى، ھەممىلا يەردە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى، سۆز- ھەرىكەتلىرى كىشىنى بىزار قىلدى. يالغان گەپ ھامان يالغان، نەچچە مىڭ قېتىم دېسىمۇ ئوخشاشلا يالغان گەپ، پومپېيو ئەپەندى ئەمدى توختاپ قالسۇن»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر