باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

" توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇللىرىنى نېسى قالدۇرۇش" تەك ئەھۋاللارنى تىزىملاش (ئەرز قىلىش) سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.04.15 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10- ئاپرېل سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار سىياسىتىگە ئائىت ئۇچۇر ئالاقە تورىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى (http://www.sme-service.org.cn)دا " قەرز ئېنىقلاش ۋە تىزىملاش سۇپىسى" كۆزنىكى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇللىرىنى نېسى قالدۇرۇشتەك ئەھۋاللارنى تىزىملاش (ئەرز قىلىش) سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

  توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇللىرىنى نېسى قالدۇرۇشتەك ئەھۋاللارنى تىزىملاش (ئەرز قىلىش) سۇپىسى ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ مال پۇلى، قۇرۇلۇش پۇلى ۋە مۇلازىمەت پۇلى قاتارلىق پۇللىرىنى نېسى قالدۇرۇشتەك ئەھۋاللارنى تىزىملاش (ئەرز قىلىش) ھەققىدىكى تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىش بىجىرىدۇ. بۇ سۇپا بولسا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا يۈزلەنگەن ھالدا، ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ھالقىپ نېسى قالدۇرۇشتەك مەسىلە ۋە ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىدىغان تىزىملاش (ئەرز قىلىش) يولى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ سۇپا توختامغا خىلاپلىق قىلىپ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشتەك مەسىلىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تىزىملايدىغان سۇپا بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلار بولسا، ھەقدارنىڭ ئۇچۇرى، قەرزدارنىڭ ئۇچۇرى ۋە نېسى قالغان پۇل ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەمدە ئىش تەقسىماتى بويىچە تىزىملاش ئۇچۇرىنى ئوبوروتقا سېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماسلىشىپ، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر