باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىنسانلار تۇنجى قېتىم قارا ئۆڭكۈرنى «كۆردى»

2019.04.12 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى) ئىنسانلار سىرلىق ئاسمان جىسمى قارا ئۆڭكۈرنى ئاخىر «كۆردى». نەچچە يۈزلىگەن تەتقىقاتچى قاتنىشىپ ھەمكارلاشقان «ھادىسە ئۇپۇقى تېلېسكوپ»ى تۈرى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى پۈتۈن يەر شارىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇلار تارتىۋالغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ تۇنجى پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.

  سۈرەتتىكى «باش رولچى» سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى ئادەتتىن تاشقىرى گىگانت ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىM87نىڭ مەركىزىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ 6 مىليارد 500مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 55 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. سۈرەتتە مەركىزىي قىسمى قارا رەڭلىك بىر نۇرلۇق ھالقىسىمان قۇرۇلما نامايان قىلىنغان بولۇپ، قارىماققا ئوتتۇرىسى تۆشۈك ئايتوقاچقا ئوخشاپ كېتىدۇ، قارا قىسمى بولسا قارا ئۆڭكۈرنىڭ «كۆلەڭگە»سى، نۇرلۇق قىسمى قارا ئۆڭكۈرنى بويلاپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان سۈمۈرۈش تەخسىسى.

  «مەن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن شۇنداق جاكارلايمەنكى، بىز تۇنجى قېتىم ئىلگىرى كۆرگىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان نەرسىنى كۆردۇق... ھالبۇكى بۇ تېخى باشلىنىش» دېدى تۈر مۇدىرى، ئامېرىكا خارۋارد - سىمىزېن ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى مەركىزىدىكى شېلبورد دۇرمەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا كۆپ قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  ۋاشىنگتوندىن سىرت، جۇڭگو شاڭخەي ۋە جۇڭگو تەيبېي، چىلى سانتىياگو، بېلگىيە بىريۇسسېل ۋە ياپونىيە توكيو قاتارلىق جايلاردىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئامېرىكا «ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ژۇرنىلى خەۋەرلىرى» ئالاھىدە سان شەكلىدە ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە ئارقىلىق بۇ مۇھىم، زور نەتىجىنى ئېلان قىلدى.

  20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالدىن ئېيتقانىدى. بۇ ھەجىمى ناھايىتى كىچىك، ئەمما ماسسىسى ناھايىتى چوڭ ئاسمان جىسمى بولۇپ، تارتىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەتتا ئەتراپىدىكى بەلگىلىك دائىرىدىكى نۇرمۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بۇ دائىرە «ھادىسە ئۇپۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ.

  «ھادىسە ئۇپۇقى تېلېسكوپ»ى قارا ئۆڭكۈرنى كۆزىتىدىغان «ھادىسە ئۇپۇقى» ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. ئۇ يەر شارىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان رادىيو تېلېسكوپلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كۆز دىيامېتىرى يەر شارىنىڭ دىيامېتىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىر تېلېسكوپقا باراۋەر كېلىدۇ. 2017- يىلى 4- ئايدا، ئامېرىكا ھاۋايدىن چىلىغىچە، ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدىن جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بولغان بۇ تېلېسكوپلار بىرلا ۋاقىتتا M87نىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈرگە توغرىلىنىپ سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەر شارىدا تۇرۇپ ئاي شارىنىڭ يۈزىدىكى بىر جۈزىنى سۈرەتكە تارتقانغا تەڭ. سۈرەت يېقىنقى ئىككى يىللىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھەم نەزەرىيە تەھلىلىدىن كېيىن «يۇيۇپ چىقىرىلغان».

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي رەسەتخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم جۇڭگو ئاپپاراتلىرى كۆزىتىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتناشتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن رەسەتخانا باشلىقى شۆ سۈيجيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق قاتنىشىش جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئالاقىدار خەلقئارا ھەمكارلىقتا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياخشى ئۈلگە بولدى.

  سۈرەت قارا ئۆڭكۈردىن ئىبارەت بۇ چەكسىز ئاسمان جىسمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىسپاتى بولۇپ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى دەلىللىدى، شۇنداقلا يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىكى ھەيۋەتلىك پۈركۈش ئېقىمىنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى ۋە يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  «قارا ئۆڭكۈر زامان ۋە ماكاننىڭ ئاخىرقى چېكى، ئۇنىڭدا بىز يەشمەكچى بولغان بەزى سىرلار مەۋجۇت. تۇنجى قېتىم قارا ئۆڭكۈرنى سۈرەتكە تارتىش بىزنىڭ بۇ سىرلارنى ئېچىشقا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىشىمىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن» دېدى تۈر پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گوللاندىيە نىجمېگىن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى خەينو فولك شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا. ئامېرىكا خارۋارد داشۆسىنىڭ نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى ئابراخام لوب «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، بىر پارچە سۈرەت مىڭ ئېغىز سۆزگە يارايدۇ» دەپ تەسۋىرلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر