باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى جۇڭگو مۇشۇ يەردىن مېڭىپ كەلدى

شىبەيپو بولسا، يېڭى دەۋرنىڭ «ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش» مۇساپىسىگە ئىلھام بەردى. «سەلتەنەتلىك 70 يىل. كۈرەشچان يېڭى دەۋر»

2019.04.11 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىزنىڭ مۇخبىرى جاڭ جىفېڭ

  70 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇرۇشلار ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىپ، ئېلېكتىر دولقۇنلىرى «غوڭۇلدايتتى»، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خېبېينىڭ شىبەيپو كەنتىدە «ئۈچ چوڭ جەڭ»گە قوماندانلىق قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن شىبەيپودىن يولغا چىقىپ، بېيجىڭغا قاراپ «ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش»كە ئاتلاندى- دېمەك، يېڭى جۇڭگو مۇشۇ يەردىن مېڭىپ كەلدى !

  بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر خۇتوخې دەرياسى بويىدىكى شىبەيپوغا كېلىپ، ئىلگىرىكى ئېلېكتىر دولقۇنلىرىنىڭ ئورنىغا زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەكس سادالىرىنى پەيدا قىلدى. كىچىك بىر تاغلىق كەنت، ئەسلىدە ئۇ بىر «كاتتا ئەسەر» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەينى يىللاردىكى جاپا-مۇشەققەتتىن ھاسىل بولغان شانلىق كۈرەش داستانلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋرنىڭ «ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش» مۇساپىسىنى يورۇتقىلى بولىدۇ.بۇ مەنىۋى ئېگىزلىكتىكى قىزىل روھلارنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشى

  "مەن ئىككى ياش ۋاقتىمدا بىر قېتىم كېسەل بولۇپ قالغان ئىدىم، ئائىلەم بەك نامرات ئىدى، داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆيدىكىلەر مېنى ئىشىك ئالدىدىكى تۈگمەنگە قويۇپ قويغان ئىدى. ئەينى چاغدا بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان دۇڭ بىۋۇ ئەر-خوتۇن بۇ ئىشنى بايقاپ قېلىپ، مېنى قىسىم شىپاخانىسىغا ئاپىرىپ، قۇتقۇزۇۋالغان."شىبەيپو كەنتىدىكى 73 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى يەن چىڭخەي ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگەچ، قوپال قوللىرى بىلەن كۆز يېشى سۈرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ تۈگمەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا جىمجىت تۇراتتى.

  يەن چىڭخەينىڭ 41 يىللىق پارتىيە ئىستاژى بار، ئۇنىڭ تاغىسى يەن جىتىڭ كەنت ياچېيكا شۇجىسى بولغان. يەن چىڭخەي گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: تاغام ئىلگىرى بىزگە ۋە باشقىلارغا دائىم ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئۇ ھېكايىلەرنى مەن كۆڭلۈمدە مەھكەم ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇ ھېكايىلەرنى ئەمدى مەن داۋاملىق سۆزلەشكە باشلىدىم.

  شىبەيپو خاتىرە سارىيى پۈتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايغا كېلىپ تۇرىدىغان بولدى. يەن چىڭخەي ھەر ھەپتىدە كىشىلەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مەيدان ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى. چوڭ گەپلەر يوق، ھەممىسى «يەرلىك گەپلەر». كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ چېچى ئاقىرىپ، قورۇقلىرى چوڭقۇرلاشقان بولسىمۇ، ئۇ چوڭقۇر مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

  قىزىل روھلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشمەكتە. قىزى يەن ۋېنيەن 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئىتتىپاق ئەزاسى، ئۇ 2013- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، شىبەيپو خاتىرە سارىيىنىڭ كەسپىي چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، «قىزىل باش دىكتور» بولدى."ئەڭ ئاخىرقى بىر قاچا گۈرۈچ ھەربىي ئاشلىقتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر چى رەخت ھەربىي كىيىمى ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى كونا يوتقان نوسىلكا ياپسا، ئەڭ ئاخىرقى قېرىنداشلار جەڭگە ئاتلاندى." يەن ۋېنيەن ھەر قېتىم شۇ يىلى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشنىڭ مۇشۇ ناخشىسىنى ئېيتقاندا، ساياھەتچىلەر بىردىنلا جىمىپ ھالدا ۋە ئۈن-تىنسىز بولۇپ ئاڭلاپ، چوڭقۇر ئويغا پاتىدۇ.

  شىبەيپو بولسا، ئۇ بىر روھىي يۈكسەكلىكتۇر. شىبەيپو بولسا، غەلىبىدىن تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ مېڭىشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.

  شىبەيپو خاتىرە سارىيى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كاڭ يەنشىن مۇنداق دېدى: "ئىككى چوقۇم" دېگىنىمىز، ئۇ شىبەيپو روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قازىنىش قانچە كۆپ بولغانسېرى، بىز شۇنچە سەگەك بولۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر