باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز «ئالاقىدار دۆلەتلەر»نىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى

2019.04.10 13:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنى چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 9-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق دۆلەتنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە زومىگەرلىك قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ رايون سىرتىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 8-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا ئىران دۆلەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى غەربىي ئاسىيا رايونىدا تۇرۇشلۇق ئارمىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

  لۇ كاڭ 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا، «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتى ۋە زومىگەرلىك قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

  لۇ كاڭ: «بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ رايون سىرتىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىمالى بولغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر