باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ چىشەن قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.09 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 8- ئاپرېل جۇڭنەنخەي زىگۇاڭ راۋىقىدا قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماسىموف بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان بولسا، ياخشى قوشنىلار ۋە ياخشى ھەمراھلاردىندۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى ئارا ئالاقە قويۇقلاشتى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ھەمكارلىق يۇقىرى دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللىدى. قازاقىستاننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى توكايېف بولسا، جۇڭگو خەلقى پىششىق بىلىدىغان بىر قەدىناس دوست ۋە ياخشى دوستتۇر. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ .

  ماسىموف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇقنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىدۇر، بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز بولسا، قازاقىستان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشىدۇر. قازاقىستانمۇ جۇڭگو بىلەن بىرگە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر