باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى2018- يىلى 662 مىڭ 100گە يېتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ھەر خىل خادىملارنىڭ سانى 519 مىڭ 400گە يەتتى

2019.04.02 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى2018- يىلى 662 مىڭ 100گە يەتكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئەۋەتكەن ئادەم 30 مىڭ 200گە، ئورۇنلار ئەۋەتكەن ئادەم 35مىڭ 600گە، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان ئادەم 596 مىڭ 300گە يەتكەن. چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ھەر خىل خادىملارنىڭ سانى 2018- يىلى 519 مىڭ 400گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئەۋەتكەن ئادەم 25 مىڭ 300گە، ئورۇن ئەۋەتكەن ئادەم 26 مىڭ 500گە، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان ئادەم 467 مىڭ 600گە يەتكەن.

  1978- يىلىدىن 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى جەمئىي 5 مىليون 857 مىڭ 100 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 مىليون 533 مىڭ 900 كىشى بولسا، چەت ئەلدە ئالاقىدار باسقۇچلاردىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؛ 4 مىليون 323 مىڭ 200 كىشى ئوقۇشنى تاماملىدى؛ 3 مىليون 651 مىڭ 400 كىشى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى، بۇلار ئوقۇشنى تاماملىغانلارنىڭ %84.46ىنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر