باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش ئېلان قىلىندى

2019.04.01 18:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتخانىسى، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «2018-يىللىق مەملىكەتلىك ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش» بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. گۇاڭدۇڭ يىڭدېدىكى چىڭتاڭ خارابىسى، خۇبېي شاياڭدىكى چېڭخې يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى، شەنشى يەنئەندىكى لۇشەنماۋ يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى، شىنجاڭ نىلقىدىكى جىرىنتاي جىلغىسى خارابىسى، سەنشىنىڭ ۋېنشىدىكى جيۇۋۇتوۋ شاڭ سۇلالىسى قەبرىستانلىقى، شەنشىنىڭ چېڭچېڭدىكى ليۇجياۋا شەرقىي جۇ سۇلالىسى خارابىسى، جياڭسۇنىڭ جاڭجياگاڭدىكى خۇاڭ سىپۇ خارابىسى، خېبېينىڭ جاڭجياكوۋدىكى تەيزىچېڭ جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەھەر خارابىسى، چۇڭچىڭنىڭ خېچۇەن دياۋيۈچېڭدىكى فەن جيايەن جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يامۇل خارابىسى، لياۋنىڭ جۇاڭخې دېڭىز تەۋەلىكىدىكى جياۋۇ ئۇرۇشىدا جىڭيۈەن ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن خارابىنى سۇ ئاستىدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار 2018-يىللىق 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بولۇپ تاللاندى.

  1990-يىلى تەسىس قىلىنغان مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى باھالاشتا، جۇڭگونىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى ئىدىيەسى، ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسى نامايان قىلىندى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ شىنچاۋ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى جەمئىي 955 تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 212 تۈر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ھېسابلىنىدۇ. «ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى باھالاش قائىدىسى» بويىچە، پائالىيەتنى تەشكىللىگەن جۇڭگو مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گېزىتخانىسى 84 ئارخېئولوگىيە ئورنى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ 136 كېڭەش ئەزاسىغا سايلام بېلىتىنى ئەۋەتىپ، 20 تۈرلۈك مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى دەسلەپكى باھالاشقا بىرلىكتە تەۋسىيە قىلدى، ئاخىرىدا 10 تۈر تاللاپ چىقىلدى. بۇ بايقاشلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى «جۇڭگو ئارخېئولوگىيەسى»نىڭ يېڭى نەتىجىلىرى بولۇپ، بەزىلىرى دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش، يەنە بەزىلىرى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك بايقاشقا تەۋە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر