باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلدى

خېرىدارنىڭ زاكالەت پۇلىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا ياكى قايتۇرۇپ بېرىشنى كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ

2019.03.20 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە يېقىندا تەييارلىغان «قاتناش-تىرانسپورت يېڭى كەسىپ ھالىتى ئىستېمالچىلارنىڭ مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سىرتقا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىندى.

  «چارە»دە تىجارەت كارخانىلىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن خېرىداردىن زاكالەت پۇلى ئالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئېلىش زۆرۈر بولسا، كېلىشىم ئاساس قىلىنغان ھالدا تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ مەخسۇس ئامانەت پۇل ھېسابات نومۇرى ۋە خېرىدارنىڭ شەخسىي بانكا راسچوت ھېسابات نومۇرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مەبلەغ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تاللىشىغا يول قويۇش لازىم. خېرىدارنىڭ زاكالەت پۇلى خېرىدارغا تەۋە، تىجارەت قىلغۇچى كارخانىلارنىڭ ئۇنى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تىجارەت كارخانىلىرى مەبلەغ ساقلىنىدىغان بانكا قاتارلىق جەھەتلەردە پۇل قايتۇرۇش ئۇسۇلىدا خېرىدارغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى، خېرىدارنىڭ زاكالەت پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىشقا، كەينىگە سۆرەشكە ياكى ئادىل بولمىغان، نامۇۋاپىق قېلىپلاشقان ماددىلار، تېخنىكا تەلەپلىرىنى تەسىس قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر