باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل مەملىكەت بويىچە «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىكىگە 27 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىنىدۇ

2019.03.20 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «2019- يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىملىكىگە 27 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىگە (سۇچىلىق)قا ياردەم بېرىش، پىدائىي دوختۇر بولۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىلى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانىدا دىققەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قارىتىلىپ، قوبۇل قىلىش سانى داۋاملىق نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ، قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى داۋاملىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش تۈرىدىكى ئىش ئورنىغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قوبۇل قىلىش سانى ئاساسلىقى نامرات رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار ۋە چېگرا رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر