باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل فېڭ شياۋمىن: تۇغما كەمتۈكلۈكنى تۆۋەنلىتىپ، نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2019.03.15 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ يۈز بېرىشىنى تۆۋەنلىتىش بولسا، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئاياللار-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى يىچۈن شەھەرلىك ئاياللار- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل فېڭ شياۋمىن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سۈپەتلىك ھامىلىدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

  ۋەكىل فېڭ شياۋمىننىڭ قارىشىچە، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ يۈز بېرىشى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا تېنىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، چوڭ ياشلىق ھامىلىدار ئاياللار كۆپىيىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك قوشۇلۇپ ھامىلىدار بولغان ئاياللار تەبىئىي كۆپەيمەكتە.بەزى يېشى چوڭ ئاياللار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان ئەھۋالدا ھامىلدار بولىدۇ. دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قالقانسىمان بەز كېسەللىكى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ھامىلىدار بولسا، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ خەۋپ-خەتىرىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

  ۋەكىل فېڭ شياۋمىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاياللار-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش لازىم؛ ئالاقىدار تارماقلار ھامىلىدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنىڭ يۈز بېرىشى، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر