باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇاڭ شىخۇا: شىزاڭنى ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

2019.03.15 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 8 تۈركۈمدىكى شىزاڭغا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شىخۇا شىزاڭنى ئاۋىئاتسىيە ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىلسە، دەپ تەكلىپ بەردى.

  خۇاڭ شىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىزاڭ مول ساياھەتچىلىك بايلىقىغا ئىگە، ئەمما جۇغراپىيە ئامىلى، مۇھىت، كىلىمات ۋە ئېچىش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن، تاشقى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى چەكلىك بولۇۋاتىدۇ، قاتناش راۋان بولماسلىق شىزاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان توسالغۇ بولۇپ قالدى. شىزاڭدا گەرچە بەش ئايرودۇرۇم قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرودۇرۇمنىڭ كۆلىمى كىچىك بولۇش، ساياھەت سۇس ۋە ئاۋات پەسلى روشەن بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كۆپىنچە ھاللاردا ھاۋا لىنىيەسى يېتىشمەسلىك، قىش پەسلىدە ئايروپىلانلار توختاپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇلار ئەشيا ئوبوروتى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ قويدى.

  خۇاڭ شىخۇا مۇنداق دېدى: 2016 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لىنجىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ لىنىيەگە تولۇقلىما بېرىش تەدبىرى قوللاندى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ھاۋا لىنىيەدىكى ئايروپىلانلار قىشتىمۇ داۋاملىق بىۋاسىتە ئۇچىدىغان بولدى، بىر ھەپتىدە ئىككى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىپ كېلىدۇ، بۇ لىنجى بىلەن گۇاڭجۇدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئىككى جايدىكى ساياھەتچىلەرنى قىش پەسلىدە ئۆزئارا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەشكە جەلپ قىلدى، لىنجىنىڭ ساياھىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ساياھەتچىلىك سۇسلىشىدىغان مەزگىلدىمۇ سۇسلاشمىغان بولدى، لىنجى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  خۇاڭ شىخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ قوللىشى ئارقىسىدا، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، مەملىكەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردىن شىزاڭغا بىۋاستە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانى كۆپەيتىپ، نۇقتىلىق شەھەرلەر بىلەن ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركۈم سانىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە يېقىلغۇ ماي تولۇقلىمىسى بېرىلىپ، بىۋاستە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ساياھەت كاسات مەزگىلىدە ۋە قىش پەسلىدە توختاپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى تۆۋەنلىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ قىشتا شىزاڭنى ساياھەت قىلىش ئارزۇسى قاندۇرۇلدى. شىزاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىغا مەدەت بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شىزاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئېگىزلىكتىن چىقىرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر