باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، جەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى

2019.03.13 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، جەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ يەتتە جەھەتتىن 2018-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلقنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش؛ ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ تۆتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش؛ بەشىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سوت مەھكىمىسى قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سوت مەھكىمىسى قوشۇنى قۇرۇش؛ يەتتىنچى، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر