باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىنەن: بۇ يىل ئىچىدە پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ 15 يىلغىچە ئۇدا تەڭشىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2019.03.13 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاڭ جىنەن 12- چېسلا خەلق سارىيىنىڭ «مىنىستىرلار كارىدورى»دا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىچىدە، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى داۋاملىق مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، كۈتۈنۈش پۇلىنى «15 يىل ئۇدا تەڭشەش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ .

  بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ھەق تاپشۇرۇش يۈكىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەزىلەردە ھازىر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ تارقىتىلىشىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرەيدىغان ئەندىشە مەۋجۇت. جاڭ جىنەن مۇنداق دېدى: كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا ۋە تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىقتىدارىمىز بار.

  مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جاڭ جىنەن بىر بۆلۈك سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ئېلىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن شۇ مەزگىللىك فوند كىرىمىنىڭ چىقىمدىن كۆپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؛ ھازىر ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن جەمئىي 4 تىرىليون 780 مىليارد يۈەن ئېشىندى؛ مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ يەنە 2 تىرىليون يۈەن ئەتراپىدا ئىستراتېگىيەلىك زاپىسى بار، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش نەتىجىسىدە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر