باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل لى گاڭ: پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك

2019.03.13 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىكىدە دۇچ كېلىۋاتقان قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا، چوقۇم بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش كېرەك. گۈيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەكىل لى گاڭ مۇنداق دېدى: ليۇپەنشۈي تاغلىق رايونىنىڭ كۆلىمى %97نى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى، شەھەر بويىچە 1 مىليون 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى كۆممىقوناقنى ئازايتىپ، تىكەنلىك نەشپۈت دېگەندەك تاغلىق رايونلارغا ماس كېلىدىغان مېۋىلەرنى پەرۋىش قىلىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە، ھازىر ھەر مو يەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3600 يۈەنگە يېتىپ، تاغلىق رايوننىڭ ئەۋزەللىكى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلدى. ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تېز يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىگە مايىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يېشىل تەرەققىيات جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئاڭلىق قاتنىشىشقا يېتەكلەش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر