باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فەن يۇڭجېن: رەقەملەشتۈرۈش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى مول قىلىش كېرەك

2019.03.11 14:48   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فەن يۇڭجېن: رەقەملەشتۈرۈش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى مول قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، فەن يۇڭجېن (ئوڭدىن ئىككىنچى) ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى فەن يۇڭجېن بولسا، ھازىر يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ دائىم لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى ۋە بەيشا قەدىمىي بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى جىپسىلاشتۇرۇش، جامائەت مەدەنىيەت بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ رەقەملەشكەن سۇپا بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، رەقەملىك جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى مول قىلىپ، مەدەنىيەت بايلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى داۋاملىق تۈردە ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە كۆپ مەنبەلىك جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر