باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنى ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2019.03.11 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 14 ئەزا ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا شۇنداقلا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ ئاڭلىدى.

  يىغىنغا لياڭ جېنيىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەزا ۋاڭ ۋېيمىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادى ئومۇمەن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگەردى، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئەندىشە تۇغۇلدى، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا يولۇقتى، ئەمما بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشى تەرەققىي قىلىش ئاساسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بازار سوبيېكتىنىڭ بوشاشماي يېڭىلىق يارىتىشى، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق كۆرەش قىلىشى ئارقىسىدا، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم يېڭىپ، پارلاق كەلگۈسى يارىتالايمىز.

  ئەزا لىن يىفۇ پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشچا ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ھەرقانداق ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە خەتەر ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇلارغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، كۈچنى ساقلاپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئەزا چېن جىلې مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋىي كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى پۇقراۋىي كارخانىچىلارنى خاتىرجەم قىلدى، پۇقراۋىي كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى، تەرەققىيات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلىدى. پۇقراۋىي كارخانىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، كارخانىنى ئۇزاققىچە كۈچلۈك، سەرخىل يۈرۈشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشى كېرەك.

  ئەزا چېن شۇاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇقراۋىي كارخانىلار يېڭى دەۋردە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى، پۇقراۋىي كارخانىچىلار يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك. پۇقراۋىي كارخانىلار يولۇققان قىيىنچىلىقلار تەرەققىيات داۋامىدىكى، ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىس جەريانىدا يېڭى پۇرسەتنى بايقاپ ۋە تۇتۇپ، تىرىشىچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ تەرەققىي قىلىش كېرەك.

  ئەزا دەي بېيفاڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىدىغان، مەغلۇپ بولۇشتىن قورقمايدىغان ئادىمىيەت مۇھىتى، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسەت مۇھىتى، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇھىت، ھاياتى كۈچكە تولغان ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئەزا لى شىجې جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىش جەريانىدا كارخانىلار دۇچ كېلىدىغان كونا يولغا تايىنىۋېلىپ، ئالماشتۇرۇشنى خالىماسلىق، يېڭىلىق يارىتىشتىن قورقۇپ ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئەمەلىي كۈچى يېتىشمەي ئالمىشالماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا دۆلەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسىدىن پايدىلىنىش، پەن تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە مەركەزلىك كۈچەپ، كارخانا سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  ئەزا گې خوڭلىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇردا كارخانىلار ئېلىمىزنىڭ يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىشتىكى ئاجىز نۇقتا ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتا، مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىش، يەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇشتەك ئۈچ توسالغۇ مەۋجۇت، چوقۇم كۈچلۈك نازارەت قىلىپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش كېرەك.

  ئەزا خۇاڭ شيەنياۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بۆسۈش باسقۇچىغا كىردى، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن ئاھالىلەر بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلمىغان، كارتا بېرىلمىگەن ئاھالىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئالتە جۈپ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت قىلىپ، پەقەت ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېرىلگەنلەرگىلا ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئالتە خاھىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ليۇ يوڭخاۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم نۇقتا، بايلىقنى توپلاپ، مەبلەغنى ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىپ، يېزا بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  ئەزا جياڭ زوجۈن ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكى ئېلىمىزدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم جاي، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك پەن تەتقىقاتى، ئۇنىۋېرسال كۈزىتىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئاپەت خەتىرىنى باھالاش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، قوللاش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  ئەزا ياڭ ماۋبياۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ساقلاپ ئەمەس ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەنمىز، يىغىن ئېچىشنىلا، قۇرۇق شۇئار توۋلاشنىلا بىلىدىغان شەكىلۋاز بولماسلىقىمىز، چوقۇم يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرمىشىپ، كۆپنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، ئىسسىق تەر ۋە ھەقىقىي ئەمگىكىمىز بىلەن گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ئەزا لەن فېڭخۇي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، باجنى ئازايتىشتا قانچىلىك دەرىجىدە ئازايتىش، ھەقنى زادى قانچىلىك تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىشىغا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادى ۋەزىيەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، بايلىق تەقسىماتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئەزا خۇ شياۋليەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: زور خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش ــ نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدىكى بىرىنچى چوڭ ئىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگتىىشكە پايدىلىق ماكرولۇق مۇھىت بەرپا قىلىش ۋە قوغداش، خەۋپ خەتەر بىلەن مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىياسەت بىرىكمە ھەرىكىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بەش جەھەتتىن بۇ قېتىمقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئەزا لى داۋسەي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، خىرىسقا سالماق، ئېچىۋېتىش پىسخىكىسى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كۆرەشچىلەرنى قوللاپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا ئىلھام بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنى قوغداپ، تۆھپىكارلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، زورايتىش، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر