باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈستىدە توختالدى

بۇ يىل يەنە 10 مىليون كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ

2019.03.08 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 7-مارت مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ «قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ___ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» توغرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، نامرات ئاھالىلەر 2012-يىلىدىكى 98 مىليون 990 مىڭ كىشىدىن 2018-يىلى 16 مىليون 600 كىشىگە ئازىيىپ، ئۇدا ئالتە يىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 13 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرگەن نامرات كەنتلەر 2013-يىلىدىكى 128 مىڭدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 26 مىڭغا ئازايدى. بۇ يىل يەنە 10 مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، 300گە يېقىن نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىغىنى چۆرۈپ تاشلايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر