باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى: پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك

2019.03.08 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ تۈنۈگۈن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بولسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، ئۇلار پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ھازىر پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ناھايىتى ياخشى ئىشلەنمەكتە. ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: بىزدە ھازىر نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاز سوممىلىق كرېدىتى، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قايتا قەرزى ۋە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ پۇل مۇئامىلە قەرزى دېگەندەكلەر بار، ھەر يىلى 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىن پۇل مۇئامىلە مەبلىغى نامرات رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرگە سېلىنىۋاتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان، ئەمما قوزغىتىش مەبلىغى كەمچىل بولغان، ھەمدە ئارخىپ بېجىرىپ كارتا تۇرغۇزغان نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا، ئۇلارنى نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاز سوممىلىق كرېدىت ياردىمى بىلەن تەمىنلەيمىز، ھەمدە بۇ خىل تەمىنلەش 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ، ئۈچ يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، ھەم كېپىللىك تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز بېرىدىغان بولۇپ، جەمئىي 550 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىلىدۇ. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشكە قارىتا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى نۆۋەتتە 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل تارقاتتى.

  ليۇ يۇڭفۇ مۇنداق دېدى: بىز پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ چوقۇم ياخشى ئۇسۇلدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلار، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ۋە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشكە مايىللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر