باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىمالىي زىمىندا ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

_ _ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2019.03.07 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزلىرى، خۇددى باھار شامىلىغا ئوخشاش، نەق مەيداندىكى ۋەكىللەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر ساھە كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى بۇ يارقىن مەنزىرىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

  "ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىرادىنى چىڭ ساقلاپ، ھەرگىز تەۋرەنمەسلىك، بوشاشماسلىق ۋە يوچۇق ئاچماسلىق كېرەك."باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم سۆزلىرى، ئىچكى موڭغۇلدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  شىڭئەن ئايمىقى بۇندىن ئىلگىرى ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن قاتتىق ئازابلانغان ئىدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئوتلاقلاردا بوز يەر ئېچىپ، شۇ ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشتەك مەسىلىلەر ئەۋج ئالغان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن گەرچە يېزا ئىگىلىكتىن ھوسۇل ئېلىش بىر مەھەل ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن، ئېكولوگىيە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۇ نەتىجىدە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى. شىڭئەن ئايمىقىنىڭ باشلىقى چىباتۇ ۋەكىل مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى بىزنى غەپلەتتىن ئويغاتتى، شىڭئەن ئايمىقى چوقۇم ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى مۇشۇ ئايماقنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭ ساقلاپ، ھەرگىزمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ ۋاقىتلىق ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يول قويماسلىق كېرەك.

  باۋتۇ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى جاۋ جياڭتاۋ ۋەكىل مۇنداق دېدى: باۋتۇ بىر كونا سانائەت شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھازىر تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يەنى دۆڭگە چىقىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتەك ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭ ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇڭ مىڭجۇ ۋەكىل مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئېكولوگىيەنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورگانىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زىمىنىدا يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر