6- مارت، گۇاڭدۇڭ يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە، بىر سىناق قىلغۇچى يان تېلېفون ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولىدىغان بىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوبۇس ئىچىدە ئىككىلىك كودنى سايىلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، "چىقىمدان شياڭگاڭ (AlipayHK)"نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3- ئايدىن باشلاپ، بۇ خىل كەسىپ شياڭگاڭدىن گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى شەھەرلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت، داۋالاش، قاتناش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى قاپلاشقا باشلىغان بولۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ نەچچە يۈز مىڭ دۇككانلىرىدا بۇ خىل "چىقىمدان شياڭگاڭ" ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئۇسۇلى قوبۇل قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى