باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەر، ئەزالار دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى

2019.03.07 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6-تىن %6.5كىچە ئاشۇرۇش. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا 2019-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمە ئارىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋەكىللەر ۋە ئەزالار خەلق سارىيىدىن چىققاندىن كېيىن، 2019-يىللىق جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى توغرىسىدا قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا چوقۇم كۆزلىمە نىشان ئەمەلگە ئاشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، رۈيخۇا بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شېرىكى جاڭ ليەنچى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىدىكى بىر مۇھىم مەزمۇن دەل تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، بۇنىڭدا تۈرلۈك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئويلىشىلغان، بۇ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، %6 بىلەن %6.5نىڭ ئارىلىقىغا نىسبەتەن، بىزنىڭ تولۇق ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز ، ئىشقا ئاشۇرۇش شارائىتىمىز بار. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت فاڭجېننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ۋەنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6 بىلەن %6.5نىڭ ئارىلىقىدا ئاشۇرۇش- بىر ئىنتايىن ئوبيېكتىپ ۋە ئىدراكى كۆزلىمە، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلگەن ھۆكۈم. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭلى دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زور بولىدۇ، شۇڭا قاتتىق جەڭ قىلىشقا تولۇق ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سۇنىڭ پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىندۇڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتتا 2019-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6 بىلەن %6.5نىڭ ئارىلىقىدا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كۆرسەتكۈچتىن قارىغاندا، ئىنتايىن مۇقىم ۋە ساغلام بولۇپ، نۆۋەتتىكى تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھات ۋە قۇرۇلمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئۇيغۇن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر تولۇق ئويلىشىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر