باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى ۋەكىللەر كارىدورى ئېچىلدى

2019.03.06 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە بۇ يىللىق ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى ۋەكىللەر كارىدورى ئېچىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 8 ۋەكىلى بۇ كارىدوردا، مۇخبىرلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىيوڭئەن يېڭى رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گاڭ «ۋەكىللەر كارىدورىدا»دا مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: نۆۋەتتە شىيوڭئەن يېڭى رايونى پىلانىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك لايھەسى پۈتتى، پات يېقىندا زور كۆلەملىك ئەمەلىي ماھايەتلىك قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ، كېيىنكى باسقۇچتا ھۆكۈمەت پىلاننى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش، سۈپەتنى كونترول قىلىش، پاك شىيوڭئەن قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  «گۇاڭدوڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىياد پىلان پروگراممىسى»نىڭ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا گۇاڭدوڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر قىززىپ كەتتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇڭدوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لىن شاۋچۈن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېن گۇاڭدوڭنىڭ تەرەققىيادىدا مەبلەغ ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بازارلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى بۇ ئۈچ جايغا بىر يېڭى، چوڭ تەرەققىياد پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى تەن ياۋزوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاۋمىن جۇڭخۇا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى گاۋ كەيشيەنمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ كەلگۈسىدە ئاۋمىننى تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارغا ئىگە قىلىدىغانلىقىغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاۋمىننى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيادقا ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، TCL گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى دوڭشېڭ پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىيادى ھەققىدە توختالغاندا مەركىزىي خەلق رادىيو تېلىۋزىيە باش ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىشەنچ ئېتىقاددىن ، قىممەت قارىشىدىن كېلىدۇ، پۇقراۋىي كارخانىلار ئىقتىسادى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ، ھەرقايسى ئىقتىسادى سوبىكتىلارنى باراۋەر قوغدايدىغان قانۇن نىزاملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، باراۋەر قوغدىغاندا، باراۋەر رىقابەتلەشكەندە، ئاندىن پۇقراۋىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياد ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر