باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما يۈشەن: قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە بولغان پايدىسى كۆپ

2019.03.06 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا: 2019-يىلى باجنى ئازايتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلىدۇ دەپ كۆرسىتىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ۋۇجوڭ ئۆلچەش ئەسۋاپلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ما يۈشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باجنى ئازايتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى ناھايىتى ئەمەلىي بوپتۇ، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقتا قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتى % 16دىن % 13گە تۆۋەنلىتىلىدۇ، بۇ ياسىمىچىلىققا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئىش. يۈز مىليون يۇەنلىك كىرىمدىن 3 مىليون يۈەنلىك پايدىنىڭ چىقىشى كارخانىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم، سىياسەت ھەقىقەتەن دەل جايىدا بولدى.

  ئۇندىن باشقا، ما يۈشەن پەن-تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتىدە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى پەن-تېخنىكا خادىملىرىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندىغانلىقى ۋە ئىشەنگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار ئۈستىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچىلارغا تولۇق، مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىلسە، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر