باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ دوكلاتى گۈيجۇدىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2019.03.06 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۈيجۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ داغدۇغۇلۇق ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە كۆردى. زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا خەلق تۇرمۇشى ۋە تەرەققىياتىغا نەپ يەتكۈزۈدىغان نۇرغۇن چوڭ سوۋغاتلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى، بۇ ھەر قايسى ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ كەيلى پويىز بۆلكى 40 نەچچە ۋۇگزالنىڭ 2000 دىن ئارتۇق تۆمۈر يول كادىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىسىنى تېلېۋىزور، رادىئو، تور ۋە يانفون تېرمىنالى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك باشلانغانلىقىنى ئەستايىدىل كۆرۈش ۋە ئاڭلاشقا تەشكىللىدى. تۆمۈريول كادىرلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ھەقىقىي، ئەمەلىي بولۇپ، كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن غايە ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۆمۈر يولنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئاتلىنىمىز.

  ئەنشۈن شەھىرىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، شۇ جايغا قاراشلىق ئامما تېلېۋىزور، تور، رادىئو قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاڭلىدى ۋە كۆردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭلىنىڭ دوكلاتى راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، قەلبلەر، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا غەربى رايۇننى سىياسەت ئارقىلىق يۆلەشنى كۈچەيتىش يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى، بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمگە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى، تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر