باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭ، شەندۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2019.03.05 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: پاك، دۇرۇس سىياسىي ئىكىلوگىيەنى شەكىللەندۈرۈش-بايرىقى رۇشەن ھالدا سىياسىينى تەكىتلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ سىياسىي تەلىپى، توغرا ئىستىل قاتتىق ئىنتىزامنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي تەلىپى، ئىلغار پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش، ئىسلاھات تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، چۇڭچىڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  ئۆتكەن يىلى ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۇڭچىڭ جياڭبېي رايونى گۇەنيىنچياۋ مەھەللىسىنىڭ خەلق ماسلاشتۇرغۇچىسى ما شەنشياڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەققىدە سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەمىمىي ھالدا ئۇنى «لاۋ ما» دەپ چاقىردى ھەمدە ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ئىشلىرى سىزگە ئوخشاش مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان «يولداشلار» غا مۇھتاج، دېدى. ما شەنشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى ئىككى يىغىندىن كېيىن، چۇڭچىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلەش پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، ھەمدە 5000 نەچچە مەيدان ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، 430 مىڭ ئادەم قېتىم پارتىيەلىك كادىرنى تەربىيەلىدى.

  ئۆتكەن يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن، چۇڭچىڭ ياخشى سىياسىي ئىكىلوگىيە بەرپا قىلىش ھەققىدە شەھەرلىك پارتكومنىڭ 5-نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنىنى مەخسۇس تېمىدا ئېچىپ، ياخشى سىياسىي ئېكىلوگىيە بەرپا قىلىش، قانۇنچىللىق ۋە ئەخلاقچىللىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارغا ئېنىق «پايدىلىنىش ماتىريالى» تۈزۈپ بەردى ۋە «يۆنىلىش» كۆرسىتىپ بەردى.

  بىر يىلدىن بۇيان، چۇڭچىڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى مۇقىم قەدەمدە راۋاجلاندى. 2018-يىلى چۇڭچىڭنىڭ ئاقىل كەسىپلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشتى، چۇڭچىڭ مەۋقەنى «ئىچكى قۇرۇقلۇق»نىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتىپ، ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، جۇڭگو ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «چۇڭچىڭ» 1000 نۆۋەتتىن ئارتۇق قاتنىدى، «بىر بەلباغ بىر يول» ۋە چاڭجياڭ ئىقتىسادى بەلۋېغى چۇڭچىڭدا چاكسىز تۇتاشتۇرۇلدى؛ چاڭجياڭ ئىكىلوگىيە مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈتلەق ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلدى. چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى تاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭ ھەققىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يۈرۈشلۈك مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ چوڭ –چوڭ فاڭجىن سىياسەتلىرى ۋە شەھەرلىك پارتكومنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم كۈتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىكىلوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  2018-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: يېزا-ئىگىلىكى كۈچلۈك بولۇش بولماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەل بولۇش بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ سۈپىتى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى پۇختا ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. شەندۇڭ ئۆلكىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەھكەم ئېسىدە ساقلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەندۇڭ ئەندىزىسىنى ياراتتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەتلىك يېزا-ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى كوزور كارخانا يەنتەي جاڭيۈ شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ خۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەھكەم ئېسىدە ساقلاپ، شەندۇڭ، شىنجاڭ، نىڭشيا قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئالتە چوڭ ئىشلەپچقىرىش رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، «شىركەت+ كوپىراتىپ+دېھقانلار» ئەندىزىسى ئارقىلىق ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى باغۋەنلەرگە 800 مىليون يۇەنگە يېقىن كىرىم قىلدى؛ جاڭ يۈنىڭ ئۈزۈمزارلىقى نۇرغۇن ئىشچىللارنى بىر يىلدا 100 مىڭ يۇەن كىرىمگە ئىگە قىلىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى يۇرتىغا قايتىشقا جەلپ قىلدى.

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئادەم كۈچى كاپىتالىنى ئېچىۋېتىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش، يېڭىچە يېزا-ئىگىلىكى تىجارەت سۇبېكىتىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنتلەردە ئىختىساسلىقلار، يەر، مەبلەغ، كەسىپ مۇجەسسەملەشكەن ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى 20 تۈرلۈك يېزا-كەنت ئىختىساسلقلىرى يېڭى سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىتى، كەسىپىي دېھقانلار ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئېرىشەلەيدىغان بولدى، ئوقۇش تارىخىي، كەسىپ قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، يېزا بازار كەسىپىي تېخنىكىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشى ياكى ئۆز ئىش ئورنىدا تۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلدى، «يۇرتقا قايتىپ ئىگلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى مەھكەم ئېسىدە ساقلاپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ئىكىلوگىيەسى تۇرۇشقا باپ كېلىش، يېزىلار مەدەنىي بولۇش، تىزگىنلەش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش فاڭجىنىغا ئاساسەن، يېزا-كەنت كەسىپىنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىكىلوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشدىن ئىبارەت بەش چوڭ پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىگە پۇختا ئاساس سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر