باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى مىنىستىرلار كارىدورى ئېچىلدى

2019.03.04 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ تۇنجى مىنىستىرلار كارىدورى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن رەسمىي ئېچىلدى. ئالتە تارماقنىڭ مەسئۇلى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كارىدورغا چىقىپ، نۇرغۇن تېمىلارغا ئىنكاس قايتۇردى.

  سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرى سۈن شاۋچېڭ مىنىستىرلار كارىدورىدا سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش سىسېمىسىنى مەركەز، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزا-بازاز، كەنتلەرگىچە ئومۇملاشتۇرىمىز.

  راككا قارشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، دۆلەتلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ جىڭلىن مىنىستىرلار كارىدورىغا چىققاندا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ: راككا قارشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىزىملىكىنى جانلىق تەڭشەش قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار سىياسەتلەر بۇ يىل ئىچىدە يولغا قويۇلىدۇ، دېدى.

  خۇ جىڭلىن مۇنداق دېدى: بىمارلارغا نىسبەتەن سۆھبەت دورىلىرىنى قانداق قىلغاندا تېز ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى كۈچەپ ئىشلىدۇق. بىرىنچىدىن، سۆھبەت دورىلىرى ھەققىنىڭ ئەسلىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئومۇمىي سوممىسى خامچوتىنى ئىگەللىمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. ئىككىنچىدىن، ساغلاملىق-سەھىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ھەر قايسى بېكىتىلگەن داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ «دورا نىسبىتى» سەۋەبلىك راككا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق.

  ئېكېلوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى لى گەنجې مىنىستىرلار كارىدورىغا ئەڭ ئاخىرىدا چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكېلوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئورگىنىنى تەشكىللەپ قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھات تەدبىرى ئىنتايىن توغرا. ھازىر مۇھىت بولغۇنىشىنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، ھەتتا ئىنتايىن كەسكىن دېيىشكە بولىدۇ، مۇقىم ئىلگىرىلەش بىلەن بىرگە ھەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى قىلىش؛ ھەم پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەم يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش كېرەك. تارىختىن قېلىپ قالغان قىسمەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، شەكىلۋازلىق، ئېغىزدىلا سۆزلەش، ساختىلىق قىلىش، سان جەھەتتە مۇھىت ئاسراش، شەكىل جەھەتتە مۇھىت ئاسراش، ئېغىزدا مۇھىت ئاسراشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، مۇھىت ئاسراش سۈپىتىنى ياخشىلاشتا ساختىلىق قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر