باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات كۆرسەتكۈچىدىكى ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10 مىليوندىن ئاشتى

2019.03.04 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن 2018 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى» دىكى مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 36 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش قىسمىدا نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئېلىمىزدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا 6 يىل 13 مىليوندىن ئاشقان.

  مۇخبىر 2018 ـ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى جەدۋىلىنى رەتلىگەندە،شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى، شەھەر بازارلاردا تىزىملاتقان ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 2018 - يىلى ئىقتىساد مۇقىم ئېشىپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى رۆشەنلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۇدا 6 يىل 13 مىليوندىن ئاشتى . نىڭ جىجې ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى توردا تارقالغان بىر قىسىم شىركەتلەردە ئىشتىن بوشىتىش دولقۇنى كۆرۈلدى دىگەن سۆزلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر يەنىلا بىر قەدەر چوڭ، لېكىن بۇ يەنە بىر تەرەپتىن 2018 - يىلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغانلىقى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر