باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىن تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2019.03.04 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2–يىغىنى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، باياناتچى گو ۋېيمىن جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. گو ۋېيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2–يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن سائەت 3دە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 3-ئايىنىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، ئاساسلىق قارالمىلار: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە قاراپ چىقىش؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2–يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى قارار ۋە دوكلاتلارغا قاراپ چىقىپ ماقۇللاش.

  گو ۋېيمىن مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى توردا يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىش ئارقىلىق، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ماكان ۋە زامان توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە قاتنىشىش تۇيغۇسى كۈچەيدى.

  گو ۋېيمىن نۆۋەتتىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بېكىتكەن پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىش بويىچە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەيدۇ.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گو ۋېيمىن مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ يېقىندا، تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئىلىم جەھەتتىكى ناچارلىق، ساختا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەش-سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سەمىمىيەتنىڭ كەمچىل بۇلۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش-بىر تۈرلۈك جىددىي، يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا تېگىشلىك خىزمەت.

  بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. گو ۋېيمىن مۇخبىرنىڭ: سىياسىي كېڭەش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قانداق رول ئوينىدى؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن بۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر