- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەزا سوڭ جىروڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىشچان مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم، دېدى
2019.03.04 14:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، 2019-يىللىق ئىككى يىغىندىكى تۇنجى مەيدان ئەزالار يولى ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، گۇگۇڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى سوڭ جىروڭ: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىشچان مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم، دېدى.
سۇڭ جىرۇڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن جۇڭگودا يەنە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىر خىل ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن يوقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرخانىلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرلىرىغا ئېھتىياجلىق. مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرخانىلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرلىرى جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيىتىنىڭ دەلىلى بولغان مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلە شۇكى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى. كېيىنكى قەدەمدە گۇگۇڭ مۇزېيى ۋە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر بىرلىشىپ جۇڭگودىكى تۇنجى مەدەنىيەت يادىكارلىقى تېببىي ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىشچان مەدەنىيەت يادىكارلىقى دوختۇرلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر