باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاننى قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ جىددىي، ياخشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش لازىم، دېدى

2019.03.04 14:43   مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاننى قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ جىددىي، ياخشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈش لازىم، دېدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت چۈشتىن كېيىن، 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، تۇنجى مەيدان «مىنىستىرلار يولى» ئېچىلدى. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ جىڭلىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋالىنىش كاپالىتى مۇندەرىجىسى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، جاننى قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ جىددىي، ياخشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دورا ئىشلىتىش تەس بولۇش ۋە دورا قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ پەسەيتىش ۋە يېنىكلىتىش لازىم.

  بۇلتۇر، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى راكقا قارشى دورىلار سۆھبەت خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، راكقا قارشى 17 خىل دورىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %56.7 بولدى. خۇ جىڭلىن: راكقا قارشى دورىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈشى پەقەتلا تۇنجى قەدەم، بىمارلارغا نىسبەتەن سۆھبەتتىكى دورىلارنى قانداق قىلىپ تېزدىن ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم، دېدى.

  خۇ جىڭلىن مۇنداق دېدى: مۇندەرىجىنى تەڭشەشتە داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىش، كىلىنىكىلىق ئېھتىياجنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق مۇندەرىجە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، جاننى قۇتقۇزىدىغان تېخىمۇ كۆپ جىددىي، ياخشى دورىلارنى داۋالىنىش كاپالىتى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دورا ئىشلىتىش تەس بولۇش ۋە دورا قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ پەسەيتىش ۋە يېنىكلىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر