3- ئاينىڭ 3- كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى جېڭدىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا، شىجياجۇاڭدىن موسكۋاغا ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، شىجياجۇاڭ جېڭدىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا روسىيە پايتەختى موسكۋاغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار لىنىيەسى ئېچىلدى. بۇ، مەزكۇر ئايرودۇرۇمدىكى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر لىنىيە روسىيە ئېكوئا ئاۋىياتسىيە شىركىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، ھەر يەكشەنبە كۈنى بىر قېتىم ئۇچىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى