باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇ خۇي تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنىڭ %99.2ى بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلدى

2019.03.04 14:38   مەنبە: خەلق تورى

سۇ خۇي تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ1- يىغىنىدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار قاتارلىقلارنىڭ يىغىنغا تاپشۇرغان تەكلىپلىرى 5360غا يەتكەن، ئادەتتىكى چاغلاردا تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەر 211غا يەتكەن. تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىلىنىش نەتىجىسىدە، بۇ تەكلىپلەردىن 4567سى رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار 165 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغان. 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، بۇ تەكلىپلەردىن %99.2ىنىڭ بېجىرىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇ خۇي 3- مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدىن بۇيان يىغىلغان تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەزالار مۇشۇ بىر يىلدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەمىنات جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدىكى 1884 تۈرلۈك تەكلىپنى تاپشۇردى، ئۇلار تەكلىپلەر ئومۇمىي ساننىڭ %41نى ئىگىلىدى؛ ئۇنىڭدىن سىرت، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇش، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدىكى 1307 تۈرلۈك تەكلىپنىمۇ تاپشۇردى، ئۇنداقلىرى تەكلىپلەر ئومۇمىي ساننىڭ %29نى ئىگىلىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يېشىل تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، گەۋدىلىك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدىكى تەكلىپلەرنىمۇ بەردى. ئالاقىدار تەكلىپلەر ئارىسىدا يەنە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىلەرنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرمۇ بار. دېمەك، تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشكەن ۋەكىللەر ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر