- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاندى
بىرلىك سەپ تەربىيەلەش يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك
2019.03.04 14:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ 2019- يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 1- مارت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، 2019- يىلى، مەزكۇر ئىنستىتۇت بىرلىك سەپنىڭ تەربىيەلەش يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش كۆلىمى ۋە تەربىيەلەشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى مۇستەھكەملەپ، چەت ئەللەرگە مەدەنىيەت تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىمەكچى ئىكەن.
2018- يىلى 12- ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى»دا، مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتلىرىنى يېتەكلەپ، ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ ئوقۇتۇشى ۋە تەربىيەلەشنىڭ يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆستۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ئۇ نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، ھەم شۇنداقلا يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا يۆنىلىشتە يېتەكچىكىك قىلدى ۋە ئۇلارنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر