- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئېچىلدى
ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى
2019.03.01 15:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (دەسلەپكى لايىھەسى)نى تەييارلاش توغرىسىدىكى ئىزاھات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات(دەسلەپكى لايىھەسى)نى تەييارلاش توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تەييارلىق قىلدى.
يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلار توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر