باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر ھەپتە ئىچىدە بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر تۆت مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشىدى

2019.02.28 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يەرلىكتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت رەھبەرنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جوۋ بو لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى؛ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى چېن شياڭچۈن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ چاڭشىڭ شيامېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جۈنجېڭ قوشۇمچە پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

  خەلق تورىنىڭ يەرلىك رەھبەرلەر ماتېرىيال ئامبىرىدىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ، جوۋ بو، خۇ چاڭشېڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولۇپ، جوۋ بونىڭ تۇنجى قېتىم جايلار ئارا ئالماشتۇرۇلۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ئىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى رەھبەر بۇ قېتىم يېڭىدىن تولۇقلاپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان: 2018-يىلى 7-ئايدا، شۇ چاغدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ جياڭشىغا تەڭشىلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپە ئورنى بوش قالغان؛ 2018-يىلى 11-ئايدا، شۇ چاغدىكى فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شيامېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان پېي جىنجيا بېيجىڭغا بېرىپ، مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن، شيامېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپە ئورنى بوش قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر