2-ئاينىڭ 25-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسى شىڭۋېن ناھىيەسى شۇيلۇبا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا، شۇ جايدىكى ئامما سۇلۇق ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھاۋانىڭ بارا-بارا ئىللىشىغا ئەگىشىپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش ۋە تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش باشلىنىپ، ئېتىزلىقتا ئالدىراشچىلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.