باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدا يۈز بەرگەن «23-فېۋرال» زور ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 22گە يەتتى

2019.02.26 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق غەربىي ئۇجۇمۇچىن خوشۇنى يىنمەن كانچىلىق شىركىتى «23-فېۋرال» زور ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىنىشىچە، ۋەقەدە يارىلانغانلار ئىچىدىكى ئېغىر بىر يارىدارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ يارىدار 24-فېۋرال سائەت 15تىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە قازا قىلدى. 25- فېۋرال سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ھادىسىدە ئۆلگەنلەر سانى 22 گە يەتتى.

  23-فېۋرال سائەت سەككىزدىن 20 مىنۇت ئەتراپىدا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقى غەربىي ئۇجۇمۇچىن يىنمەن كانچىلىق شىركىتىنىڭ ماشىنىسى ئىشچىلارنى قۇدۇق ئاستىغا توشۇۋاتقاندا، ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ياردەمچى يانباغىردىكى خاڭ يولىغا سوقۇلۇپ، زور تىرانسپورت بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر