باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلىمىزنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنىلارنىڭ ئەملىنىش نىسبىتىنىڭ %90 تىن يۇقىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.02.26 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى گاۋ فۇ 25- فېۋرال: ئېلىمىزنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانىدىكى ۋاكسىنىلارنىڭ ئەملىنىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولماقتا، دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن مەسىلە بار ۋاكسىنا ۋەقەلىرىگە قارىتا، گاۋ فۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز مەخسۇس دۆلەتلىك ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋاكسىنا ۋەقەلىرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەھلىل قىلدۇق، قايسىلىرىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى مەسىلە، قايسىلىرىنىڭ تېخنىكا قاتلىمىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىگە قاراپ، ئاندىن ئوخشاش بولمىغان تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ھەل قىلدۇق.

  گاۋ فۇ چۈشەندۈرۈپ: ۋاكسىنا ئەملەش − يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېجەشلىك ئۇسۇل، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ۋاكسىنىلار ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، سۈپىتىنى كونترول قىلىشقا بولىدۇ، ئاممىنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچى بار بولۇشى كېرەك، دېدى.

  3-ئايدا ئېلىمىزدە پەسىللىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ «كىچىك يۇقىرى پەللىسى» كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىگە قارىتا، گاۋ فۇ: تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇش كېرەك، دېدى ھەمدە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  گاۋ فۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق زۇكام بولسا ۋاكسىنا ئالدىنى ئالالايدىغان بىر خىل كېسەللىك، لېكىن ھازىر دۆلىتىمىزدە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىغاندا تەخمىنەن %2 ئەتراپىدا بولماقتا. پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنچىدىن، دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم، ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارلارمۇ ئاڭلىق ھالدا ئايرىۋېتىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر