باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسسىنىڭ «ئىقتىساد گۈللەنسە، پۇل-مۇئامىلە گۈللىنىدۇ، ئىقتىساد كۈچەيسە، پۇل-مۇئامىلە كۈچىيىدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزورى

2019.02.25 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسسى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى «ئىقتىساد گۈللەنسە، پۇل-مۇئامىلە گۈللىنىدۇ، ئىقتىساد كۈچەيسە، پۇل-مۇئامىلە كۈچىيىدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزۇر ئېلان قىلدى. ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل-مۇئامىلە خەۋىپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرسىىدا 13-قېتىم كوللېكتىپ ئۈگىنىش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل-مۇئامىلىنىڭ ماھيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پۇل-مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئېشىش بىلەن خەۋىپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋىپ-خەتەرنى دەل، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل-مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل-مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پۇل-مۇئامىلە خەۋىپ-خەتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور خەۋىپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېلىمىز پۇل-مۇئامىلە كەسىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پۇل-مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتى بىلەن دۆلىتىمىز پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيىتىدىكى ئىزدىنىش ئورگانىك بىرلەشتۇرۇلۇپ، ئېلىمىز پۇل-مۇئامىلە كەسىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى سستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىلمىي پىلانلاندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ بىزنىڭ يېڭى دەۋىردە پۇل-مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ قوللانمىسى.

  ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۇل-مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تۆۋەن چەك تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، پۇل-مۇئامىلە خەۋىپ-خەتىرىنىڭ جەزمەن ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش كېرەك. بىز ھەم پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىمىز ھەم ئادەمنى، پۇلنى ياخشى باشقۇرۇپ، تۈزۈم مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش- ئېلىمىز پۇل-مۇئامىلە كەسىپىنىڭ بۇرچى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى «پۇل-مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ، پۇل-مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتكەن. باش شۇجى بۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە «ئىقتىساد گۈللەنسە، پۇل-مۇئامىلە گۈللىنىدۇ، ئىقتىساد كۈچەيسە، پۇل-مۇئامىلە كۈچىيىدۇ» دېگەن مۇھىم باياننى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ مەۋھۇملىققا يۈزلىنىش ئېلىمىز پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىغا ئايلاندى، بىر قىسىم كاپتال مەۋھۇم ئىقتىسادتا قۇرۇق ئايلاندى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن، قىممەت بولۇش كارخانىلارنى بولۇپمۇ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قىيىناپ كەلگەن جاھىل كېسەللىككە ئايلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل-مۇئامىلە دۆلەتنىڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەت كۈچى، پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، پۇل-مۇئامىلە تۈزۈمى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئۇللۇق تۈزۈم. بىز پۇل-مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، پۇل-مۇئامىلىدىن ئىبارەت بايلىق تەقسىملەش ۋە ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش مۇھىم قۇرالىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل-مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر