باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2019.02.22 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى، ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنى يۆلەپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىشلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى پۇختىلاش ئاساسىدا، نۆۋەتتە ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى

  كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش بولسا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، ھەمدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە مۇقەررەر يولى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دۆلىتىمىزدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك بايلىق شارائىتىدا پەرق ناھايىتى زور، نۇرغۇن ئېدىرلىق ۋە تاغلىق يەرلەر تارقاق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەس، ھەممىلا جايدا دېگۈدەك بىر تۇتاش كۆلەملەشكەن تىجارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى كەلگۈسىدە ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ ڭئاساسلىق تىجارەت ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئۇششاق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەم مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، يەنە ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلى بولىدىغان دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئىزىغا سېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر