باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار چاغانلىق تىرانسىپورتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يولۇچىلار سەپىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

2019.02.19 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغاندىن كېيىنكى تىرانسىپورتتا، جايلاردا يولۇچىلار سانى كۆپ بولدى. ھەرقايسى تارماقلار ئىش ئورنىدا باشتىن ئاياغ چىڭ تۇرۇپ، چاغانلىق تىرانسىپورتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يولۇچىلار سەپىرىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا تەخمىنەن 11 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئېشىشى، 841 يۈرۈش يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىشى مۇمكىن. تۆمۈر يول چاغانلىق تىرانسىپورتىدا ئۇدا 9 كۈن كۈندۈلۈك يولۇچى توشۇش مىقتارى 10 مىليوندىن ئاشتى.

  تۆمۈر يول تارماقلىرى ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى سەپەر مۇھىتى ياراتتى. جۇڭگو تۆمۈر يولى خاربىن ئىدارىسى گۇروھى شىركىتى مانجۇر، سۇيفېنخې ئېغىزى ۋوگزالى خەلقئارا پويىز كۈتۈش زالىدا دۆلەت ئىچى سەپىرى مەسلىھەت سوراش ئورنى تەسىس قىلىپ، چەتئەللىك يولۇچىلارنى مەنزىرە رايونى تونۇشتۇرۇش، نۆۋەتچى پويىز ۋە قالدۇق بېلەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. شىنياڭ ئىدارىسى گۇروھى شىركىتى شىنياڭ شىمالىي ۋوگزالى، شېنياڭ ۋوگزالى، چاڭچۇن ۋوگزالى بېلەت سېتىش زالىدا "دېھقان ئىشلەمچىلەر مەخسۇس ئېغىزى" تەسىس قىلىپ، يىتەكچىلىك قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېلەت زاكاز قىلىش، بېلەتنى ئاپىرىپ بېرىش قاتارلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

  يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، چاغانلىق تىرانسىپورت مەزگىلىدە چىڭخۇاڭداۋ ئايرىدىرومى يېڭىدىن چىڭخۇاڭداۋدىن سېمرىئاپقا ئۇچۇدىغان خەلقئارا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى كۆپەيتتى. بۇ چىڭخۇاڭداۋ ئايرىدىرومىنىڭ چاغانلىق تىرانسىپورت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاچقان خەلقئارالىق لېنىيە. نەننىڭ ئايرىدىرومى نەنىڭدىن ۋۇخەنگە بېرىپ كېلىدىغان لېنىيەدە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىپ، كۈنىگە 6-7ئايروپىلان ئۇچىدىغان قىلىپ، چاغانلىق تىرانسىپورتتا ئايروپىلان بېلىتى قىس بولۇش جىددىي ھالىتىنى زور دەرىجىدە پەسەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر