باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت پەلەمپەيسىمان ھەمتۈرتكە رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلەتتى

2019.02.19 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى ۋە گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي دائىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق، شەھەر توپى، شەھەر چەمبىرىكىنىڭ يۇقىرى پەللىدە يېتەكلەش، مەدەت بېرىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇردى. نىشان-پەلەمپەيسىمان ھەمتۈرتكە رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېشىش نۇقتىسى، ئېشىش بەلبېغى، ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش.

  شەھەر چەمبىرىكىنىڭ ئېشىش قۇتۇپلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە، نوپۇزلۇق ئەربابلار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: شەھەر توپىنىڭ تەرەققىياتى-ھەرقايسى يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىدىن ئېچىۋېتىش ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە رايون ئىچىدىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەر بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق شەھەر توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، كۆكخوت - باۋتۇ - ئوردوس شەھەرلەر توپى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ كېڭەيتىلگەن رايونى بولىدۇ، چاڭجياڭ دېلتىسى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىغا تۈرتكە بولىدۇ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن جۇجياڭ دېلتىسىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئېشىش نۇقتىسى، يېڭى ئېشىش بەلبېغى شەكىللىنىپ، ئاخىرىدا ھەقىقىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.

  ئالاقىدار زاتلار مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقتىن، ئېلىمىز ئوتتۇرا رايوننىڭ يۈكسىلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش، شەرقىي رايوننىڭ ئاۋۋال راۋاجلىنىشىنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، غەربىي رايوننى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ئوتتۇرا ، غەربىي رايونلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونىغا ئۆستۈرىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونىنىڭ ئاۋۋال تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىشچان كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر