باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگيەلىك مۇھىت مىنسىتىرلىقى 4ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا مۇھىتنى باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

2019.02.15 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنسىتىرلىقى نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇل، خېيلوڭجياڭ، خېنەن قاتارلىق تۆت ئۆلكە دەرىجىلىك ئېكولوگيەلىك مۇھىت تارمىقىغا قسىمەن مۇھىت باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئالاقىدار ئېكولوگيەلىك مۇھىت تارماقلىرىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش، ساقلىنىۋاتقان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاش، جىنايەتكە چېتىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا جىنايى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلە يىپ ئۇچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ــ ئېكولوگيەلىك مۇھىت مىنىسىتىرلىقى مۇھىت باھالاش ھۆججىتىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشتە بايقالغان بولۇپ، ئاساسلىق مەسىلە ــ مۇھىت باھالاش ئاپپاراتلىرى مۇھىت باھالاش ھۆججىتى تۈزۈش جەريانىدا، دۆلەتنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۈزۈلگەن مۇھىت باھالاش ھۆججىتىدە ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇد، شۇنداقلا يەنە قىسمەن مۇھىت باھالاش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساختىلىق قىلىپ، نۇرغۇن مۇھىت باھالاش ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتكەن ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن يىپ ئۇچىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىت باھالاش ئاپپاراتى جەمئىي تۆت بولۇپ، ئايرىم ئايرىم : نىڭشيا جىچېڭ ئەنخۈەي تېخنىكا مەسلىھەت چەكلىك شىركىتى، ئىچكى موڭغۇل باسىبا مۇھىت تېخنىكا مەسىلھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئاليومىن خەلقئارا قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شېركىتى، خېنەن مەيدا مۇھىت تېخنىكا چەكلىك شىركىتى.

  ئېكولوگيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەرلىكتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دېققەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ۋاقىتىدا جەمئىيەتكە ئۇقتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىت باھالاش ھۆججىتىنى تېخنىكىلىك تەكشۈرۈش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مۇھىت باھالاشتا بايقالغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر