باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھلىرىدىن 300ى قۇرۇپ چىقىلىدۇ، دېدى

2019.02.14 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھلىرى (بىرلەشمىلىرى)دىن 300نى قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كارخانىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتى بار كارخانىلارنى، بولۇپمۇ چوڭ كارخانىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق قوللىشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ تىجارەت- باشقۇرۇش ۋە تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ھەم مەكتەپ رەھبەرلىرى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ، قوشۇمچە مائاش ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا 300 ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىدىكى كەسپىي مائارىپ گۇرۇھلىرى (بىرلەشمىلىرى)نى قۇرۇپ چىقىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پاي تۈزۈمىدىكى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەر ۋە تۈرلۈك كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش لازىم. ئاشكارا، ئوچۇق، قېلىپلاشقان پۇقراۋىي كەسپىي مائارىپى ئىجازىتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پۇقراۋىي كەسپىي مائارىپنىڭ پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېكىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر