باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2019.02.14 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىرلىشىپ «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا ئاساسەن تىزىملاش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرگەن ھەمدە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرغان، ياشانغانلارنى مەركەزلىك تۇرالغۇ ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تۈرلۈك كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، داۋالاش ئاپپاراتلىرى باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولمىغان باھا بويىچە، مەسئۇل تارماقلار تەڭ دەرىجىلىك سەھىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تۈزگەن داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ يېتەكچى باھاسىدا، «مەملىكەت بويىچە داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھا تۈرلىرى ئۆلچىمى»دە كۆرسىتىلگەن تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدا «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىنىڭ ئۆتكۈنچى سىياسەت بەلگىلىمىلىرى»دىكى 1-ماددىنىڭ 7- تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىق سىياسىتىگە تەدبىقلاشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر