باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەنە بىر يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىكى چەتئەللىك خىزمەتچىلەرنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى قوللاش كېرەك

2019.02.13 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- فېۋرال، جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: چېگرا ئىچىدىكى پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەردىكى چەتئەللىك خىزمەتچىلەرنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشكە چېتىشلىق مەبلەغنى باشقۇرۇش پرىنسىپىگە قاتنىشىپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىكى چەتئەللىك خىزمەتچىلەرنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى پائال قوللاپ، چېگرا ئىچىدىكى كاپىتال بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، چېگرا ئىچىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىكى چەتئەللىك خىزمەتچىلەرنى پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا چېتىلىدىغان مەبلەغنىڭ تىزىملاپ باشقۇرۇلۇش چارىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، چېگرا ئىچىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ۋە چەتئەللىك خىزمەتچىلەر كەسپىي تىزىملاش دوكۇمېنتى ئارقىلىق بانكىدا چېگرا ھالقىغان ئالاقىدار كىرىم-چىقىملار، مەبلەغ ئاجرىتىپ يۆتكەش ۋە پېرېۋوت كەسپى قاتارلىقلارنى بىۋاستە بىجىرىشكە بولىدىكەن، ھەمدە ئىشتىن بۇرۇن تەستىقلاش ھاجەتسىز ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا، پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەردىكى چەتئەللىك خىزمەتچىلەر پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا چېتىلىدىغان مەبلەغنى چەتئەللىك خىزمەتچىلەر مەبلەغ مەنبەسىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئالدىغا تاللاشقا بولىدىكەن. چېگرا ئىچىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىكى چەتئەللىك خىزمەتچىلەر پاي ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشكە قاتنىشىشقا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ مەنبەسى دېگىندە، ئۇ ئۇنىڭ چېگرا ئىچىدىكى قانۇنلۇق كىرىمى ياكى چېگرا سىرتىدىن پېرېۋوت قىلغان مەبلىغىنى كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر