باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسىغا ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى

2019.02.03 11:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىلىن چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىدە مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ ۋەقەگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى،ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئالتە نەپەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، بۇيرۇققا بىنائەت ئىستېپا بەرگۈزۈش، ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئۆزلىكىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىشلىق، دەپ قاراپ بىر تەرەپ قىلدى. نەتىجىدە، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جىنغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش ھەمدە ئۇنىڭ دېلوسىنى تەپتىش ئورگىنىغا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر